يالقۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يالقۇن ھاسىل قىلماق، يالقۇن پەيدا بولماق؛ يانماق، ئوت ئالماق:[مىسال:] تومۇز مەۋسۇمى كىرگەندىن بۇيان، ئىسسىقنىڭ ھارارىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى. قۇياشنىڭ ئوتلۇق تەپتىدىن قىزىپ كەتكەن توپىلار ۋە تام-تورۇسلار گويا تونۇردەك يالقۇنلايتتى.