يايما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېيىپ سېتىلىدىغان ياكى يېيىپ قۇرۇتۇلىدىغان، يېيىلىدىغان:[مىسال:] يايما قاق. يايما پالاس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يايغان نەرسە، بىرەر جايغا سېلىنغان پالاس ئۈستىگە سېتىش ئۈچۈن يېيىپ قويۇلغان ھەر خىل نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ كوچىنىڭ دوقمۇشىدا يايما ئېچىپ خېرىدار چاقىرىشقا باشلىدى.