مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئۇلاقسىز، قاتناش قورالسىز.
پىيادىلەر يولى. پىيادە ئەسكەر. قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە. ياياق كىشىگە يانچۇقمۇ ئېغىر.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
پىيادە. مەسىلەن:
تىكەنلىككە تىكەن دەسسەپ ياياق كەلدىم،
ھەمرايىم يوق غارىپ يالغۇز يىلغاپ كەلدىم.
بىر ئىل بولدى سەن بۇ ياقتا ياتقالى،
غارىپ كۆڭلۈم بىلەن سېنى يوقتاپ كەلدىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئات - ئۇلاغ، قاتناش قورالىسىز. پىيادە، ياياق ئادەم.
ئاتچان، ئاتلىق
ئات مىنگەن، ئاتچان، ئاتلىق ئادەم.
ئاتچان ئاتىسىغا باقماپتۇ. ئاتلىق يۈرۈپ گۈل كۆرمەك. پىيادىنىڭ ئېتى چورۇق، كۈچى ئوزۇق. قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە يۈر ئۆلگۈچە. ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس. يىگىتنىڭ ياخشىسى پىيادە يۈرسىمۇ ئاتلىقتەك. ئاتلىق ئەپكەتكەننى پىيادە ياندۇرۇپ كېلەلمەمدۇ؟ ياياققا يانچۇقمۇ ئېغىر.