UyghurMain Dictionary
ھىجرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاينى تاشلاپ باشقا بىر جايغا كۆچۈش، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈشى. ئىسلامدا مشۇ كۈننى يىل بېشى قىلىپ بېكىتكەن، شۇڭا مۇسۇلمان يىلى ھېسابى ھىجرىي يىل دەپ ئاتالغان. ھىجرىيە يىلى مىلادىيە يىل بويىچە 662- يىلى 116- ئىيۇلدىن باشلانغان:
كىشكى دىلرەبادىن تاپسا ھىجرەت،
ئىچەر بىر كۈن ۋىسالى بىرلە شەربەت.
خىرقەتى.
تارىخ سەككىز يۈز تۆرت ئېردى ھىجرەت،
كى نەقىش ئەتتىم بۇ مەنزۇرى مۇھەببەت.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆزى تۇغۇلغان جاينى تاشلاپ باشقا بىر جايغا كېتىش؛ مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈشى.
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە Hijrah نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <كۆچۈش>، <بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. (1) ئىسلام دىنى تارىخىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ مىلادى 622 - يىلى 9 - ئايدا مەككىدىن ياسىرىب (كېيىن مەدىنىگە ئۆزگەرتىلگەن) قا بارغان ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن بۇ ئىشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىككىنچى ئەۋلاد خەلىپە ئۆمەر شۇ يىلقى ئەرەب شەمسىيە يىلىنىڭ بېشىنى (مىلادى 622 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) ئىسلام كالېندارى (<ھىجرىيە>) نىڭ تۇنجى يىلنامىنىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن. (2) ئىسلام دىنى تارىخىدا مىلادى 615 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ساھابىلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەبەشىستانغا قاچۇرۋېتىش ۋەقەسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<كۆچۈش>، <كېتىش> دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، <بۇرۇنقى قەبىلىسىدىن ئايرىلىش>، <قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ۋازا كېچىش> دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. بۇ سۆز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىخلاس قىلغۇچىلار مىلادىيە 662 - يىلى مەككىدىن مەدىنە (شۇ چاغدا يەسرىب دېيىلەتتى) گە كۆچكەن ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. 619 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ دادىسى ئەبۇ تالىپ ۋە بۈۋى خەدىچە قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جەمەتىنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلىپ، ئەھۋالى يامانلىشىدۇ. 620 - ۋە 622 - يىلى مەككىنىڭ يېنىدا ئىككى قېتىم ئەقەبە سۈلھىسى تۈزىدۇ ھەمدە مۇسۇلمانلارنى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاخىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەككىنىڭ جەبۇبىدىكى سەۋر غارىدا ئىككى كۈننى ئۆتكۈزۈپ، قۇرەيىشلەردىن قۇتۇلۇپ، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مەدىنىگە كېلىدۇ. 17 يىلدىن كېيىن، خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ھىجرەت قىلىنغان يىلى (شەمسىيە يىلى) نىڭ بېشى (7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) نى ئىسلام دىنىدا يېڭى ئەسىرنىڭ باشلىنىشى قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆز يۇرت - ماكانىدىن كېتىش .
ھىجرەت قىلماق.
<دىن> مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ مىلادىيە 622-يىلى مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈشى ھىجرەت يەنە ئىسلام كالېندارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھسابلىنىدۇ .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كۆچمەك (بۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن)