مەنىداش سۆزلۈكلەر
رازى ۋە مەمنۇنلۇقنى بىلدۈرۈپ ئېيتىلىدىغان سۆز.
مېھمان تويمىسىمۇ «رەھمەت» دەر. دۇتار چالدىم يۈسۈپ ئەھمەتكە، ھېچنېمە كەلمەس قۇرۇق رەھمەتكە. تەشەككۇر تاش تېشەر. تەشەككۇر ئېيتىش ھەم ئەدەبتىن، ھەم ئىنساپتىن. ھۈنىرىڭگە بارىكاللا، ھىممىتىڭگە ھەشقاللا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقى، ياردىمىگە بىلدۈرگەن مىننەتدارلىق، رەھمەت.
ھەشقاللا ئېيتماق.
سىزنىڭ بۇ ياردىمىڭىزگە ھەشقاللا.