Domain: ھەربىيھەربىي ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىغا ئاساسەن بۆلۈنگەن رايون. ئۇنىڭدا رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر رايون ئىچىدىكى ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىش، تەلىم - تەربىيە، سىياسىي، ئارقا سەپ ئىشلىرى، مۇھاپىزەت ئىشلىرى، ھەربىي خىزمەت ۋە خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.