ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھەربىي شارائىت ۋە ھەربىي تۈزۈمگە ماسلاشماق.
بىز ئۇ كۈنلەردە يېتىپ - قوپۇش ۋە ئىنتىزامدا راستتىنلا ھەربىيلەشكەنىدۇق.
ھەربىي قاتارىغا ئۆتمەك، ھەربىي بولماق.
ئۇنىڭ كىيىملىرى، مېڭىش تۇرۇشىدىن ھەربىيلەشكەن سىياقى بىلىنەتتى.
ھەربىيلەر ۋە ھەربىي كۈچلەر مەۋجۇت بولماق؛ ھەربىيلەر ئورۇنلاشماق.
جىددىي توقۇنۇش چېگرادىكى ھەربىيلەشكەن زايونلارنى پەيدا قىلدى.