Domain: ئاسترونومىيەئېكلىپتىكىدىكى 12 - بۇرجنىڭ بىرىنچىسى. بەلگىسى r ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى 0° - 30° قىچە. ئەسلىي ئورنى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىگە يۆتكەلگەن، ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۈم ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى نۇقتىسى <ھەمەل بۇرچىنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى> دەپ ئاتىلىدۇ.