UyghurMain Dictionary
غور-غورⅠ
غور-غورⅠ[يەشمىسى:] قوچقار سوقۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ئىككى قوچقارنى سوقۇشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈندەش ئىماسى:[مىسال:] مەيدانغا ئىككى تەرەپتىن ئىككى قوچقارنى ئىككى ئادەم يېتىلەپ كىرىپ، بىر-بىرىگە قارىتىپ توختاتتى، بىر پەستىن كېيىن «غور-غور» دەپ قويۇپ بېرىۋىدى، شۇنداق قاتتىق سوقۇشتىكى، ناۋادا پولات ئىككى قوچقارنىڭ ئارىسىدا قالغان بولسا، مىجىلىپ كەتكەن بولاتتى.