UyghurMain Dictionary
غىلتاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
تېيىلغاق، سىلىق.
غىتاڭ يەر. * غىلتاڭ يول.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
پۈتۈنلەي، تامامەن، ساپلا (شېۋە).
بۈگۈنكى مەجلىسكە غىلتاڭ ئەرلەر كەپتۇ. * غىلتاڭ تاشلىق يەردە ماڭدۇق.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تېيىلغاق؛ ھەممىسى، پۈتۈنلەي، ساپلا. مەسىلەن: بۈگۈن يىغىنغا غىلتاڭ ئەرلەر كېپتۇ _ بۈگۈن يىغىنغا ساپلا ئەرلەر كېپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تېيىلغاق، سىلىق.
ئۇنىڭ ئېگىز - پەس ئاياغلىرى غىلتاڭ يول ئۈستىدىكى قار - مۇزلارنى ھاۋانچا تېشىدەك ئېزىپ، غاچ - غۇچ ئاۋاز چىقىراتتى.
رەۋ. پۈتۈنلەي، ساپلا.
ئويتاغ ئېغىزىدىكى غىلتاڭ تاشلىق سايدا ھەر كۈنى دېگۈدەك قىسقا ئەمما شىددەتلىك جەڭلەر بولۇپ تۇردى.