—Reference
ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى قانچىلىك مىقداردا ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلسا بولىدۇ؟
Domain: نېمە ئۈچۈنبۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە مىقدارى بىر ئاز يۇقىرى ۋە كۆپ بولغاچقا، كېرەكلىك بولغان ئىسسىقلىقمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ بولىدۇ. ھەركۈنى تەخمىنەن 0012 ~ 1500 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بالىلارنىڭ ھەركۈنى يېتەرلىك ئىسسىقلىقنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۈندىلىك يېمەك - ئىچمىكىنى ئىلمىي ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەركۈنى ئاساسلىق يېمەكلىكتىن 150 ~ 180 گرامغىچە، ئاقسىلدىن 40 ~ 50 گرامغىچە، مايدىن 30 ~ 50 گرامغىچە، كالا سۈتىدىن 400 مىللىلىتىر، يېڭى كۆكتاتتىن 200 ~ 250 گرامغىچە، مېۋىدىن 150 ~ 200 گرامغىچە قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئەگەر بالىلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى بىر ئاز كۆپ، بىراق ھەر قېتىملىق تامىقى يۇقىرىقى ئۆلچەمگە يەتمىسە، تاماقتا بىر ئاز پىرەنىك، تورت قاتارلىقلارنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ