UyghurMain Dictionary
دۋاراپاتى دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
تەخمىنەن مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، مېنلار ھازىرقى تايلاندنىڭ مېنام دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى رايونلاردا قۇرغان دۆلەت. بۇ دۆلەت Ⅶ ئەسىردە كۈچىيىپ، زېمىنى غەربتە ھازىرقى بىرمىنىڭ تېناسسېرىم دېگەن جايىغا، جەنۇبتا كرا بوغۇزىغا يەتكەن، پايتەختى تەخمىنەن ھازىرقى تايلاندنىڭ ناكون پاتوم شەھىرىنىڭ يېنىدا بولغان. بۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ۋە كېيىن كېخمىر ۋە تايلاند مىلىتىنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگۇەن يىللىرى (627 - 649)، جۇڭگوغا ئىككى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. ⅤⅢ - Ⅸ ئەسىرلەردە پايتەختىنى لاۋۇغا كۆچۈرۈپ، دۆلەت نامىنى لاۋو قىلىپ ئۆزگەرتكەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كېخمىر تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان.