بىئولوگىيەغەربىي ياۋروپادىكى ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ (1981). دۇبلىن شەھىرى لىف دەريا ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ جاينىڭ ئاساسى 9 - ئەسىردە سىكاندىناۋىيىلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان، كېيىن بۇ جايدا دانىيىلىكلەر سودا - سېتىق قىلغان. 1170 - يىلى ئالگلو ساكسونلار بىلەن نورماندى خەلقلىرى دۇبلىن قەلئەسىنى قۇرغان. 1841 - يىلى پايتەختى بولغان. دۇبلىن ئېرلاندىيىنىڭ ئەڭ ئاساسىي سانائەت مەركىزى، شەھەرنىڭ مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا 1591 - يىلى قۇرۇلغان تىلىتان داشۆسى قاتارلىق بىر قانچە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، رەسسامچىلىق ئورۇنلىرى، كۇتۇپخانىلار، ياۋروپا بويىچە چوڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك باغچىلىرى بار.