—Reference
دەسلەپكى مەزگىلدىكى بالىلار تەربىيىسى قايسى خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
Domain: نېمە ئۈچۈنبىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقىت بالىلارغا تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيە ناھايىتى مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاتا - ئانىلار دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىنى ئاددىي ھالدا بالىلارغا بىلىم بېرىدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ياكى بالىلارنىڭ <تەبىئىي تالانتىنى> يېتىشتۈرىدىغان مەزگىل دەپ قارىماسلىقى كېرەك. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: ئاتا - ئانىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، بالىلار شوخ، خۇشال - خۇرام، ساغلام ھالدا ئۆسۈپ يېتىلىشى، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى، تۇرمۇشتا ئۆز - ئۆزىگە مۇستەقىل بولۇش ئىدىيىسى، جەمئىيەتتىكى ئالاقە ئىقتىدارى، دوستلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش، ئەقلىي قابىلىيىتى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەق - ناھەقنى تونۇش ۋە ئەخلاقىي كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.