ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى(گرېكچە drama ھەرىكەت سۆزىدىن)
بەدىلىي ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى تۈرلىرىدىن بىرى. دراماتىك ئەسەرلەر دىئالوگلارغا ئاساسلىنىدۇ. رومان، پوۋېست، ھېكايە، ئوچېرىك ئاپتورلىرى ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ ئورنى، كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە قىلمىشلىرى ھەققىدە ھېكايە قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇرلانى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، درامىدا پۈتۈن ھېكايە ياكى ۋەقەلىك تامامەن پېرسوناژلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. پۈتۈن ھەرىكەت، مەنزىرە ۋە پېرسوناژلار ئۆز - ئۆزىدىن بارلىققا كەلگەندەك ۋە سۆزلەۋاتقاندەك بولىدۇ، ئاپتور كۆرۈنمەيدۇ. لىرىك ئەسەرلەردە قەھرىماننىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى، ھېس - تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىشقا بولىدۇ، دراماتىك ئەسەرلەردە بولسا ئۇنداق ئەمەس، بەلىكى ئاپتور دراما قەھرىماننىڭ لىرىك ھېس - تۇيغۇلىرىنى تاماشىبىنلارغا پەقەت ئاشۇ قەھرىماننىڭ كونكرېت سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىقلا كۆرسىتىدۇ.
دراما تراگېدىيە، دراما، كومېدىيە، رادىئو درامىسى ۋە كىچىك پىيېسسە قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئەدەبىيات بىلىملىرى
كونىلار: «سەھنە ئەسىرى درامىنىڭ ئاساسى» دېگەن. سەھنە ئەسىرى سەھنىدە ئويناپ چىقىشنىڭ ئاساسى، ئۇ پروزا، شېئىر، نەسرلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەدەبىي ژانىر.
سەھنىدە ئوينىلىش دراما ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. سەھنە ئەسىرى يېزىش تامامەن سەھنە سەنئىتى قانۇنىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. سەھنە ئاران نەچچە ئون كۋادرات مېتىر، ئوينىلىدىغان ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، سەھنە ئەسىرىدە پېرسوناژ، كۆرۈنۈش، ۋاقىتنىڭ يۈكسەك مەركەزلىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. لاۋ شېنىڭ«چايخانا» ناملىق درامىسىدىكى ۋەقەلىكنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى ئۇزاق،1898 - يىلىدىكى ۋۇشۈي قانۇن ئۆزگەرتىشىدىن1948 - يىلىغىچە يېزىلغان بولسىمۇ، پۈتۈن ئەسەر ئۈچ پەردە، ۋەقە بىرلا ئورۇندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككى يېرىم سائەتتە ئوينىلىپ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ دراما سەھنىدە ئوينىلىشچانلىق تەلىپىنى ياخشى گەۋدىلەندۈرگەن.
دراما ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ كۈچلۈك دراماتىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى. «توقۇنۇش بولمىسا، درامىمۇ بولمايدۇ.» دراماتىك خۇسۇسىيەت دېگىنىمىز، زىددىيەت توقۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا چەكلىك سەھنە ماكانى ۋە زامانى ئىچىدە پېرسوناژلارنىڭ ھەر خىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلىرى ئارقىلىق ۋەقەلىكنى قانات يايدۇرۇش، پېرسوناژلارنى سۈرەتلەش، دراماتىك ئەھۋاللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
مەشھۇر دراماتورگ ساۋ يۈنىڭ »گۈلدۈرماما« سىدا كۈچلۈك دراماتىك خۇسۇسىيەت بولۇپ، جۇ پۇيۈەن، لۇ گۇي ئىككى ئائىلىدىكى يەتتە پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ، چوڭقۇر زىددىيەت توقۇنۇشى گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەنە شۇنداق كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
سەھنىدە ئويناش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، دراما ئەسەرلىرىدە بىۋاسىتە ئاپتور بايانى بېرىلمەيدۇ، پەقەت پېرسوناژلار تىلىلا بېرىلىدۇ، مەسىلەن، مونولوگ، دىئالوگ، ناخشا تېكىستى دېگەندەك. درامىدىكى ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىمۇ ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. دراما تىلى ھېكايە قاتارلىق باشقا ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ تىلىغا قارىغاندا ئېغىز تىلىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. ھەرىكەتكە ماسلاشقان ۋە خاراكتېرلەشكەن بولىدۇ.
دراما ئەدەبىياتىنىڭ تۈرى كۆپ. ئىپادىلىگەن دراماتىك توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، تراگېدىيە، كومېدىيە ۋە دراما دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ بەدىئىي شەكلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا قاراپ يەنە دراما، شېئىرىي دراما، ئوپېرا دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.