ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇتقا سېلىنىدىغان قەدىمكى بىر خىل جازا قورالى. ئۇ ئادەتتە كۆتەكتىن ياسىلىدۇ، جىنايەتچىنىڭ پۇتى مەخسۇس ياسالغان ئىككى تال كۆتەكنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ، ئىككى تال كۆتەك تۆمۈر ياكى مۇستەھكەم كالتەكلەر بىلەن چېتىلىپ قۇلۇپلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر كىشىلىكلىرىمۇ، كۆپ كىشىلىكلىرىمۇ بولىدۇ.
- ئاچىقىڭلار ئۇنى، پۇتىغا دۆڭگە، بوينىغا قوۋۇق سېلىپ سولاپ قويۇڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىلدى سۇلتان مىرغەزەپ.