دەستىلىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەستە-دەستە قىلىپ باغلىماق، بىر تۇتام-بىر تۇتامدىن تىزماق:[مىسال:] بۈگۈن مەن سېنى ياد ئېتىپ دوستۇم، سېغىنىپ ئەسلەپ كەلدىم قېشىڭغا، كۆرۈپ قەبرەڭنى خاتىرەم شۇ دەپ، گۈلنى دەستىلەپ قويدۇم بېشىڭغا.[يەشمىسى:] ② ئۈستمۇئۈست، قەۋەت-قەۋەت قىلىپ تىزماق:[مىسال:] ھەمراھ ئىچىلىپ بولغان چىنىلەرنى دەستىلەپ نېرىراق ئىتتىرىپ قويدى.