مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناھايتى تېز پۇرسەت ئىچىدە.
يالغان قۇيرۇق دەرھال ئۈزۈلىدۇ. ھەقىقەت يېقىنلاشسا، سەپسەتە دەرھال قاچار. دەررۇ بېرىپ، دەررۇ كەل. كېسەلنى كېچىكتۈرمە، تېزدىن داۋالا. بارغىن، شۇئان قايتقىن. ئىش دېگەننى شاق _ شۇق بىر تەرەپ قىلىۋېتىش لازىم. ئالمان _ تالمان قىلغان ئىشتىن چاتاق چىقماي قالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ناھايىتى تېز، تېزلىكتە.
ئاستا - ئاستا، ئالدىرماي - سالدىرماي، ئالدىرماي، بىر ۋاراقى
بەك تېز ئەمەس، پەيدىنپەي، تەدرىجىي
مۇسۇلمانچىلىق ئاستا - ئاستا. ئالدىرماي ماڭغان مەنزىلىگە بالدۇر يېتىدۇ. ئىشنى ئالدىرماي - سالدىرماي پۇختا قىل. يالغان قۇيرۇق دەرھال ئۈزۈلىدۇ. ھەقىقەت يېقىنلاشسا، سەپسەتە دەررۇ قاچىدۇ. نامنى ساقلاش ئۆمۈرلۈك ئىش، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇش ھەش - پەش دېگۈچە. بۈگۈنىڭىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىم بىلىدۇ، بەخت سىزدىن ھايت - ھۇيت دېگۈچە كېتىپ، باشقا بىرىنى تېپىۋالار. ھاي - ھۇي دېگۈچە كەچ كىرىدۇ. ئەتىڭىزنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ ئىشىمىز بىر ۋاراقى ئىزغا چۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەي، تېزلىك بىلەن، دەرھال.
بوۋايغا رەھمەت ئېيتىشىپ يىگىت - قىز دەررۇ تارقالدى.