UyghurMain Dictionary
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇ، دەل - دەرەخ قاتارلىقلار سىرتقى ياكى ئىچكى كۈچنىڭ تەسىرىدىن چايقالماق، ئىرغاڭلىماق، لىڭشىماق، تەۋرەنمەك.
نىجاتنىڭ قولىدا بىر رومكا قىزىل ھاراق داۋالغۇپ تۇراتتى.
ئادەملەر توپى تەۋرەنمەك.
ئادەملەر خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك بىر ئۇيانغا - بىر بۇيانغا داۋالغۇشقا باشلىدى.
مەلۇم نەرسىنىڭ ساداسى ھاۋادا ياڭرىماق، ھاۋانى تىترەتمەك.
ھۇررا سادالىرى دولقۇنسىمان داۋالغۇپ پەلەكلەردە پەرۋاز قىلاتتى.
مەلۇم نەرسىنىڭ ساداسى ھاۋادا ياڭرىماق، ھاۋانى تىترەتمەك.
ھۇررا سادالىرى دولقۇنسىمان داۋالغۇپ پەلەكلەردە پەرۋاز قىلاتتى.
كۆچمە. تەشۋىش، خۇشاللىق، ھاياجان ۋە باشقا پسىخىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھېسسىيات، روھىي كەيپىياتلار تىنچسىزلانماق، دولقۇنلىماق، ئۇرغۇماق.
جەننەتنىڭ سۆزىنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ تىنچسىز كۆڭلى داۋالغۇشقا باشلىدى.
تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقتىن ئىرغاڭلىماق، دەلدەڭشىمەك.
ئۇ ئىككى قولىنى سوزۇپ ئالدىغا بىر قەدەم باستى - دە، داۋالغۇپ يىقىلدى.
ئىجتىمائىي كەيپىيات تۇراقسىزلانماق، ئۆزگىرىپ تۇرماق، تىنچسىزلانماق، تەۋرەنمەك.
بۇ ئادەمنىڭ جياڭجۈنلىك تەختىگە مىنگەن كۈنلىرى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قاتتىق داۋالغۇپ تۇرغان پەيتىگە توغرا كەلدى.
لىغىرلىماق، مۆلدۈرلىمەك.
ئۇ ناخشىنى ياخشى ئېيتتى، قايناق مۇھەببەت قەلبىدە جۇشقۇنلاپ، كۆز چاناقلىرىدا ئىسسىق ياش داۋالغۇدى.
داۋالغۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇ، دەل-دەرەخ قاتارلىقلار سىرتقى ياكى ئىچكى كۈچنىڭ تەسىرىدىن چايقالماق، ئىرغاڭلىماق، لىڭشىماق، تەۋرەنمەك:[مىسال:] نىجاتنىڭ قولىدا بىر رومكا قىزىل ھاراق داۋالغۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئادەملەر توپى تەۋرەنمەك:[مىسال:] ئادەملەر خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك بىر ئۇيانغا-بىر بۇيانغا داۋالغۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم نەرسىنىڭ ساداسى ھاۋادا ياڭرىماق، ھاۋانى تىترەتمەك:[مىسال:] ھۇررا سادالىرى دولقۇنسىمان داۋالغۇپ پەلەكلەردە پەرۋاز قىلاتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەشۋىش، خۇشاللىق، ھاياجان ۋە باشقا پسىخىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھېسسىيات، روھىي كەيپىياتلار تىنچسىزلانماق، دولقۇنلىماق، ئۇرغۇماق:[مىسال:] جەننەتنىڭ سۆزىنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ تىنچسىز كۆڭلى تېخىمۇ داۋالغۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑤ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقتىن ئىرغاڭلىماق، دەلدەڭشىمەك:[مىسال:] ئۇ ئىككى قولىنى سوزۈپ ئالدىغا بىر قەدەم باستى-دە، داۋالغۇپ يىقىلدى.[يەشمىسى:] ⑥ ئىجتىمائىي كەيپىيات تۇراقسىزلانماق، ئۆزگىرىپ تۇرماق، تىنچسىزلانماق، تەۋرەنمەك:[مىسال:] بۇ ئادەمنىڭ جياڭجۈنلىك تەختىگە مىنگەن كۈنلىرى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قاتتىق داۋالغۇپ تۇرغان پەيتىگە توغرا كەلدى.[يەشمىسى:] ⑦ لىغىرلىماق، مۆلدۈرلىمەك:[مىسال:] ئۇ ناخشىنى ياخشى ئېيتتى، قايناق مۇھەببەت قەلبىدە جۇشقۇنلاپ، كۆز چاناقلىرىدا ئىسسىق ياش داۋالغۇدى.