UyghurMain Dictionary
دالان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دالان، دەھلىز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئارىلىق، يۆلەك، كارىدور؛ ئالدى ئۆي ياكى بۆلمە؛ قاتناش لىنىيىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ ئۆيگە كىرىش ئالدىدىكى كىچىك ئۆي.
دالاننى دائىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. دەھلىزدە ئولتۇرساقمۇ بولىدۇ، دېدى مېھمان. ئارىلىق ياز كۈنلىرى سالقىن بولىدۇ. كارىدورنى سۈپۈرمەي، ئۆينى سۈپۈرگەننىڭ ئەمگىكى زايە، ئۆي يەنىلا پاسكىنا بولىدۇ.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
تاشقىرقى ئۆي، ئارىلىق، كارىدور ( بۇ سۆز ھەر جايدا ھەر خىل ئىشلىېتىلىدۇ. مەسىلەن: بەزى جايلاردا مېھمانخانا قىلىنىدىغان چوڭ ئۆيلەر ياكى تۆرە ئۆيلەر دالان دېيىلدۇ ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دەرۋازىدىن كىرىپ بىر - بىرىگە ئۆتۈشىدىغان بىر نەچچە ئېغىز ئۆيگە كىرىشتىكى ئارىلىق ئۆي.
قېرى دوختۇر ئىچكىرىدىكى دالانغا چىقتى.
ئۆگزىگە سېلىغان ئۆي ئالدى.
ئۇلار دالاندىن چۈشۈپ پەلەمپەيدە كېتىۋاتقاندا، مەخسۇمنىڭ پەس ئاۋازدا دېگەن سۆزلىرى ئاڭلاندى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پىچىم، شەكىل، نازۇق، ئىنچىكە، ئاۋاق.
دالان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دەرۋازىدىن كىرىپ بىر-بىرىگە ئۆتۈشىدىغان بىرنەچچە ئېغىز ئۆيگە كىرىشتىكى ئارىلىق ئۆي:[مىسال:] قېرى دوختۇر ئىچكىرىدىن دالانغا چىقتى.[يەشمىسى:] ② ئۆگزىگە سېلىنغان ئۆي ئالدى:[مىسال:] ئۇلار دالاندىن چۈشۈپ پەلەمپەيدە كېتىۋاتقاندا، مەخسۇمنىڭ پەس ئاۋازدا دېگەن سۆزلىرى ئاڭلاندى.