UyghurMain Dictionary
چۈشىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇخلىغاندا ھەر خىل ئوبرازلارنى، نەرسىلەرنى كۆرمەك، چۈش كۆرمەك:[مىسال:] توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال چۈشەر(ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ئويلارنى ئويلىماق، خام خىيال قىلماق:[مىسال:] نېمە، چۈشەۋاتامسەن، بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ.