UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئومۇمىي، ماھىيەتلىك بەلگىسى.
ئىنسان ئۆزى سەزگەن شەيئىنىڭ ئورتاق ئالامەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئۇقۇم ھاسىل قىلىدۇ. ئاق قار، ئاق ئات، ئاق قەغەز، قاتارلىق شەيئىلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى ئېلىنسا <ئاق> چۈشەنچىسى ھاسىل بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسى.
توغرا چۈشەنچە. خاتا چۈشەنچە. ئابستراكت چۈشەنچە.
بىرەر ئىش - ھەرىكەت ياكى نەرسە توغرىسىدىكى نەسىھەت، توغرا چۈشەندۈرۈش، تونۇشتۇرۇش.
چۈشەنچە بەرمەك.
ئىنساننىڭ بىلىم ۋە تەسەۋۋۇر دەرىجىسى؛ سەۋىيە.
مېنىڭ ئىلمىي چۈشەنچەم تۆۋەنرەك.
چۈشەنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسى:[مىسال:] توغرا چۈشەنچە. خاتا چۈشەنچە. ئابستراكت چۈشەنچە.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى نەرسە توغرىسىدىكى نەسىھەت، توغرا چۈشەندۈرۈش، تونۇشتۇرۇش:[مىسال:] چۈشەنچە بەرمەك.[يەشمىسى:] ③ ئىنساننىڭ بىلىم ۋە تەسەۋۋۇر دەرىجىسى؛ سەۋىيە:[مىسال:] مېنىڭ ئىلمىي چۈشەنچەم تۆۋەنرەك.