چۇⅡ[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ① سوئال يۈكلىمىسى بولۇپ: [يەشمىسى:] 1) جۈملىنىڭ خەۋەردىن باشقا نۇقتىلىق بۆلىكىگە قوشۇلۇپ، شۇ جۈملىنىڭ سوئاللىق خەۋىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ:[مىسال:] تۇرسۇن كەلدى. قادىرچۇ مەن بۇ قېتىم بارمايمەن، كېيىنچۇ[يەشمىسى:] 2)پەرەز بېقىندى جۈملىگە قوشۇلۇپ، سوئاللىق باش جۈملىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ:[مىسال:] چۈشتىن كېيىن كەلسىڭىز، شۇ ۋاقىتتا سۆزلەشسەك. چۈشتىن كېيىن كېلەلمىسەمچۇ[يەشمىسى:] 3)پېئىلنىڭ بەزى بولۇشسىز رەۋىشداش شەكلىگە قوشۇلۇپ، شۇ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەنتىڭ بولماسلىقىغا نېمە ئاساس بار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىزمۇ كۆرەمسىز كۆرمەيچۇ[يەشمىسى:] ② ئاڭلىغۇچىغا بىر ئىشنى چۈشەندۈرۈشتە، جۈملىنىڭ نۇقتا قىلىنغان بۆلىكىگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ:[مىسال:] مەنچۇ، ئەتە ئۇ يەرگە بارالمايمەن.[يەشمىسى:] ③ سۈپەتنىڭ «-لىق، -لىك، -لۇق، -لۈك» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىم شەكلىگە ۋە پېئىلىنىڭ ھاللىق ئىسىمداش شەكىللىرىگە قوشۇلۇپ، بىر خىل ئۈستلىمە ئۈندەش جۈملە ھاسىل بولىدۇ:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى ياخشى بالا، ئۆتكۈرلۈكىچۇ تېخى.[يەشمىسى:] ④ پېئىلنىڭ بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىدىكى خەۋەر شەكلىگە قوشۇلۇپ:[يەشمىسى:] 1)مەسلىھەت، يېقىنلىق، ئامراقلىق تەرزلىرىنى بىلدۈرىدۇ؛ بىرىنچى شەخسنىڭ بىرلىكىدە شۇ ئىشنىڭ يېڭى ئەسكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن:[مىسال:] بىكار تۇرغۇچە كىتاب كۆرەيچۇ.[يەشمىسى:] 2) شۇ ھەرىكەتنىڭ بولۇشىنى كۈتۈش مەنىسىنى كۈچەيتىدۇ:[مىسال:] قېنى. سۆزلەپ باقسۇنچۇ، ئاندىن كۆرىمىز. 3) سىناق تۈس شەكلىدىكى پېئىللارنىڭ بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىدىكى خەۋەر شەكلىگە قوشۇلغاندا، بۇ ھەرىكەتتىن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك، يامان ئاقىۋەتكە قېلىش تەرزلىرىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن:[مىسال:] يامان بولساڭ، بىزنى بۇ يولدىن قايتۇرۇپ باقچۇ.[يەشمىسى:] ⑤ پېئىلنىڭ پەرەز-قارشىلىق مەيلىدىكى خەۋەر شەكىللىرىگە قوشۇلۇپ، پېئىلنىڭ يالۋۇرۇش رايى، ئەپسۇس رايى شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.:[مىسال:] يولداشلار، بىر دەم جىم تۇرساڭلارچۇ.