UyghurMain Dictionary
چىقماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پەستىن مەلۇم بىر ئېگىزلىككە، يۇقىرىغا ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلمەك؛ كۆتۈرۈلۈپ بىرەر نۇقتىغا يەتمەك؛ ئۆرلىمەك.
تاغقا چىقماق. دەرەخقە چىقماق. مۇنبەرگە چىقماق.
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى بار (ماقال).
كۆچمە. ئەسلىدىكى مەلۇم بىر دەرىجە، باسقۇچ، پەللە ۋە شۇنىڭدەكلەردىن نىسبەتەن يۇقىرى بولغان دەرىجىگە، باسقۇچقا ۋە پەللىگە يەتمەك، ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك.
مەرتىۋىگە چىقماق. ئەمەلگە چىقماق. ئالىي مەكتەپكە ئۇقۇشقا چىقماق. ئەۋجىگە چىقماق.
ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلمەك، كۆرۈنمەك؛ تۇغماق (كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ھەققىدە).
كۈن چىقماق.
قاراڭ، بۈگۈن ئاي ئەجەپ گۈزەل چىقىپتۇ.
بىرەر نەرسە ئىچىدىن تاشقىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلماق؛ ئىچىدىن سىرتىغا بارماق.
مىلتىقتىن ئوق چىقتى.
كۆچمە. كارغا يارىماس بولۇپ قالماق، تۈگەشمەك.
بۇ سافالار ئىشتىن چىقتى.
دۇچ كەلمەك، يولۇقماق.
قاراخان ۋەزىر - ۋۇزرا، لاۋۇ - لەشكەلىرىنى باشلاپ كېتىۋاتسا، ئالدىدىن بىر كېيىك چىقتى.
سىرتقا تەپمەك، ئاجرىلىپ نامايان بولماق، كۆرۈنمەك.
بالىنىڭ پېشانىسىدىن تەر چىقىپتۇ.
قۇلىقىمنىڭ كەينىگە كىچىككىنە بىر يارا چىقىپ قالدى.
ئورنىدىن قوزغالماق، ئورنىدىن تايماق، ئاجرالماق (ئۈگە سۆڭەكلىرى ھەققىدە).
مېنىڭ قولۇم چىقىپ كەتتى.
كۆچمە. تايماق، ئازماق.
توغرا يولدىن چىقماق. پرىنسىپتىن چىقماق.
ھاسىل بولماق، پەيدا بولماق، بالىققا كەلمەك.
تىلى چىقماق. خۇيى چىقماق. ساۋادى چىقماق.
يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس (ماقال).
ئاخىرلاشماق، تۈگىمەك.
قان چىقتى - جان چىقتى (ماقال).
مەلۇم بىر قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرماق.
سەن ئايرۇپىلانغا چىققانمۇ؟ مەن پۇيىزاغا چىقىپ باقمىغان.
ئويۇن، دىراما ياكى كىنو ئەسەرلىرىدە، مەلۇم بىر شەخسنىڭ رولىنى ئوينىماق، ئالماق.
ئۆمەر سايىم <پەرھاد - شېرىن> درامىسىدا، <پەرھاد> نىڭ رولىغا چىقتى.
چىقىم بولماق، سەرپ قىلىنماق؛ خەجلەنمەك.
بۇ يەردە ھەممە نەرسىگە يانچۇقتىن پۇل چىقىدۇ.
بىرەر تەبىقىدىن، جايدىن ئۆسۈپ يېتىشمەك، يېتىلمەك؛ بارلىققا كەلمەك.
ئۈچتۇرپان شەھىرىدىن چىققان رەھمىتۇللا بەگ بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدىن چىققان تۆمۈر خەلىپىمۇ ئاشۇ دانكوغا ئوخشايدىغان كىشىلەر ئىدى.
كۆچمە. تېپىلماق.
ئىگىسى چىقماق.
دېمىگەننى دېگۈچى چىقار، يېمىگەننى يېگۈچى چىقار (ماقال).
پەيدا بولماق، تۇغۇلماق، يۈز بەرمەك.
شامال چىقماق.
ئەل <پۈۋ> دېسە، بوران چىقىدۇ (ماقال).
كۆچمە. ئېيتىلماق؛ دېيىلمەك.
لەيلىگۈل ئېلىقۇلغا قاراپ: - سەندىن ياخشى گەپ چىقىشىغا ئىشەنمەيمەن، - دېدى.
بېرىلمەك.
ئۇنىڭغا ھەر ئايدا 150 كوي مائاش چىقىدۇ.
ھېسابلانماق، قارالماق، سانالماق.
كەم چىقماق.
نايماننىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس چىقتى.
كۆچمە. قولغا كەلمەك، ئېلىنماق.
بۇ رايوندىن كۆمۈر، ئالتۇن، مىس قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى چىقىدىۇ.
ئېرىشمەك، ئىگە بولماق.
ئازادلىققا چىقماق.
ئاياغقا چىقماي، باشقا يوق (ماقال).
چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى <- دىن، - تىن> بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ، ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ مەلۇم ئىش - ھەرىكەتنى ئورۇنداش، بېجىرىش ئىمكانىيىتىنى بىلدۈرىدۇ.
ھاجىتىدىن چىقماق.
مەن بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن.
يېشىلمەك؛ بېسىلماق، كۆتۈرۈلمەك.
ھاردۇقى چىقماق. سېزىكتىن چىقماق. خۇمارى چىقماق. دەردى چىقماق.
بىرەر نەرسىدىن ياكى ئىشتىن خۇشى كەتمەك، زېرىكمەك، بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىشى، ھەۋىسى تۆۋەنلىمەك.
مەن كۈندە پولۇ يەۋېرىپ، پولۇدىن چىقىپ قالدىم.
كۆچمە. پۈتمەك، ئاياغلاشماق.
ئۇنىڭ قولىدىن ئاسانلىقچە ئىش چىقمايدۇ.
تېپىلماق، يەتمەك (ۋاقىت، پۇرسەت ھەققىدە).
مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقىمۇ، ياخشى دوستلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكىمۇ ۋاقتىم چىقىدۇ.
تارالماق، يېيىلماق، ھەممىگە تونۇلماق.
نامى چىقماق. ئېتى چىقماق.
بىلىنمەك، سېزىلمەك، ئەكس ئەتمەك.
ئۇنىڭ تەقى - تۇرقىدىن كەمتەرلىك چىقىپ تۇرىدۇ.
يايماق، تارالماق (ھىد، پۇراق ھەققىدە).
كۈز قۇياشى يارقىن نۇرلىرىنى چاچاتتى، ئورمان ئارىسىدىكى ھەرخىل گۈللەردىن گۈپۈلدەپ خۇش پۇراق چىقىپ تۇراتتى.
ئاجراشماق، ئۈزۈلۈشمەك.
ئۇلارنىڭ قىزىمۇ ئەردىن چىقتى.
ياتلىق قىلىنماق،، نىكاھلانماق، تەگمەك.
- شەھەردە سىزنى ئەرگە چىقارمىش دېگەن گەپ بار.
بىرەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى، ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە رولى كۆرۈلمەك.
ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىل سېتىۋالغان قار لەيلىسى ماركىلىق تېلېۋىزورى ياخشى چىقتى.
بىرەر نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشلەشكە، ياساشقا يەتمەك.
بۇ ياغاچتا بىر ئىشىك چىقىدۇ.
ھالىتى، رەڭگى، شەكلى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىدە قالماق، بېسىلماق.
بارماق ئىزى چىقماق. رەسىمى نىگاتىپقا چىقماق.
نەشىر بولماق، بېسىلىپ تارقالماق.
<قىزل راۋاقتىكى چۈش> رومانىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يېقىندا نەشردىن چىقتى.
يوقالماق، تۈگىمەك؛ ئۇنتۇلماق، كۆتۈرۈلمەك.
ئەستىن چىقماق. خاتىرىدىن چىقماق.
< - پ، - ىپ، - ۇپ، - ۈپ> لار بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ، رەۋىشداشتا ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتنى تەكىتلەيدۇ.
كۆرگەزمىنى كۆرۈپ چىقتۇق.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەخمەت ئۈزۈپ چىقتى.
كىمكى شاھزادىنى بىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەپ چىقسا، مال - دۇنيا ئىنئام قىلىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ.
چىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەستىن مەلۇم بىر ئېگىزلىككە، يۇقىرىغا ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلمەك؛ كۆتۈرۈلۈپ بىرەر نۇقتىغا يەتمەك؛ ئۆرلىمەك:[مىسال:] تاغقا چىقماق. دەرەخقە چىقماق. مۇنبەرگە چىقماق. * ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى بار(ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسلىدىكى مەلۇم بىر دەرىجە، باسقۇچ، پەللە ۋە شۇنىڭدەكلەردىن نىسبەتەن يۇقىرى بولغان دەرىجىگە، باسقۇچقا ۋە پەللىگە يەتمەك، ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] مەرتىۋىگە چىقماق. ئەمەلگە چىقماق. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا چىقماق. ئەۋجىگە چىقماق.[يەشمىسى:] ③ ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلمەك، كۆرۈنمەك؛ تۇغماق (كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ھەققىدە):[مىسال:] كۈن چىقماق. قاراڭ، بۈگۈن ئاي ئەجەب گۈزەل چىقىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسە ئىچىدىن تاشقىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلماق؛ ئىچىدىن سىرتىغا بارماق:[مىسال:] مىلتىقتىن ئوق چىقتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كارغا يارىماس بولۇپ قالماق، تۈگەشمەك:[مىسال:] بۇ سافالار ئىشتىن چىقتى.[يەشمىسى:] ⑥ دۇچ كەلمەك، يولۇقماق:[مىسال:] قاراخان ۋەزىر-ۋۇزرا، لاۋۇ-لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېتىۋاتسا، ئالدىدىن بىر كېيىك چىقتى.[يەشمىسى:] ⑦ سىرتقا تەپمەك، ئاجرىلىپ نامايان بولماق، كۆرۈنمەك:[مىسال:] بالىنىڭ پېشانىسىدىن تەر چىقىپتۇ. * قۇلىقىمنىڭ كەينىگە كىچىككىنە بىر يارا چىقىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑧ ئورنىدىن قوزغالماق، ئورنىدىن تايماق، ئاجرالماق (ئۈگە سۆڭەكلىرى ھەققىدە):[مىسال:] مېنىڭ قولۇم چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تايماق. ئازماق:[مىسال:] توغرا يولدىن چىقماق. پرىنسىپتىن چىقماق.[يەشمىسى:] 01 ھاسىل بولماق، پەيدا بولماق، بارلىققا كەلمەك:[مىسال:] تىلى چىقماق. خۇيى چىقماق. ساۋادى چىقماق. * يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس(ماقال).[يەشمىسى:] 11 ئاخىرلاشماق، تۈگىمەك:[مىسال:] قان چىقتى-جان چىقتى(ماقال).[يەشمىسى:] 21 مەلۇم بىر قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرماق:[مىسال:] سەن ئايرۇپىلانغا چىققانمۇ مەن پويىزغا چىقىپ باقمىغان.[يەشمىسى:] 31 ئويۇن، دراما ياكى كىنو ئەسەرلىرىدە، مەلۇم بىر شەخسنىڭ رولىنى ئوينىماق، ئالماق:[مىسال:] ئۆمەر سايىم «پەرھاد-شېرىن» درامىسىدا، «پەرھاد» نىڭ رولىغا چىقتى.[يەشمىسى:] 41 چىقىم بولماق، سەرپ قىلىنماق؛ خەجلەنمەك:[مىسال:] بۇ يەردە ھەممە نەرسىگە يانچۇقتىن پۇل چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 51 بىرەر تەبىقىدىن، جايدىن ئۆسۈپ يېتىشمەك، يېتىلمەك؛ بارلىققا كەلمەك:[مىسال:] ئۇچتۇرپان شەھىرىدىن چىققان رەھمىتۇللا بەگ بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدىن چىققانتۆمۈر خەلپىمۇ ئاشۇ دانكوغا ئوخشايدىغان كىشىلەر ئىدى.[يەشمىسى:] 61 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېپىلماق:[مىسال:] ئىگىسى چىقماق. * دېمىگەننى دېگۈچى چىقار، يېمىگەننى يېگۈچى چىقار(ماقال).[يەشمىسى:] 71 پەيدا بولماق، تۇغۇلماق، يۈز بەرمەك:[مىسال:] شامال چىقماق. ئەل «پۈۋ» دېسە، بوران چىقىدۇ(ماقال).[يەشمىسى:] 81 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېيتىلماق؛ دېيىلمەك:[مىسال:] لەيلىگۈل ئېلىقۇلغا قاراپ:[مىسال:] سەندىن ياخشى گەپ چىقىشىغا ئىشەنمەيمەن، دېدى.[يەشمىسى:] 91 [يەشمىسى:] بېرىلمەك:[مىسال:] ئۇنىڭغا ھەر ئايدا 150 كوي مائاش چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 02 ھېسابلانماق، قارالماق، سانالماق:[مىسال:] كەم چىقماق. * نايماننىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس چىقتى.12 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قولغا كەلمەك، ئېلىنماق:[مىسال:] بۇرايۇندىن كۆمۈر، ئالتۇن، مىس قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 22 ئېرىشمەك، ئىگە بولماق:[مىسال:] ئازادلىققا چىقماق. * ئاياغقا چىقماي، باشقا يوق (ماقال).[يەشمىسى:] 32 چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى «-دىن، -تىن» بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ، ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى ئورۇنداش، بېجىرىش ئىمكانىيىتىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھاجىتىدىن چىقماق. * مەن بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن.[يەشمىسى:] 42 يېشىلمەك؛ بېسىلماق، كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] ھاردۇقى چىقماق. سېزىكتىن چىقماق. خۇمارى چىقماق. دەردى چىقماق.[يەشمىسى:] 52 بىرەر نەرسىدىن ياكى ئىشتىن خۇشى كەتمەك، زېرىكمەك، بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىشى، ھەۋىسى تۆۋەنلىمەك:[مىسال:] مەن كۈندە پولۇ يەۋېرىپ، پولۇدىن چىقىپ قالدىم.[يەشمىسى:] 62 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۈتمەك، ئاياغلاشماق:[مىسال:] ئۇنىڭ قولىدىن ئاسانلىقچە ئىش چىقمايدۇ.[يەشمىسى:] 72 تېپىلماق، يەتمەك(ۋاقىت، پۇرسەت ھەققىدە):[مىسال:] مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقىمۇ، ياخشى دوستلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكىمۇ ۋاقتىم چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 82 تارالماق، يېيىلماق، ھەممىگە تونۇلماق:[مىسال:] نامى چىقماق. ئېتى چىقماق.[يەشمىسى:] 92 بىلىنمەك، سېزىلمەك، ئەكس ئەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىدىن كەمتەرلىك چىقىپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] 03 يايماق، تارالماق (ھىد، پۇراق ھەققىدە):[مىسال:] كۈز قۇياشى يارقىن نۈرلىرىنى چاچاتتى، ئورمان ئارىسىدىكى ھەر خىل گۈللەردىن گۈپۈلدەپ خۇش پۇراق چىقىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] 13 ئاجراشماق، ئۈزۈلۈشمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قىزىمۇ ئەردىن چىقتى.[يەشمىسى:] 23 ياتلىق قىلىنماق، نىكاھلانماق، تەگمەك:[مىسال:] شەھەردە سىزنى ئەرگە چىقارمىش دېگەن گەپ بار.[يەشمىسى:] 33 بىرەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى، ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە رولى كۆرۈلمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىل سېتىۋالغان قار لەيلىسى ماركىلىق تېلېۋىزورى ياخشى چىقتى.[يەشمىسى:] 43 بىرەر نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشلەشكە، ياساشقا يەتمەك:[مىسال:] بۇ ياغاچتا بىر ئىشىك چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 53 ھالىتى، رەڭگى، شەكلى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىدە قالماق، بېسىلماق:[مىسال:] بارماق ئىزى چىقماق. رەسىمى نىگاتىپقا چىقماق.[يەشمىسى:] 63 نەشىر بولماق، بېسىلىپ تارقالماق:[مىسال:] «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يېقىندا نەشردىن چىقتى.[يەشمىسى:] 73 يوقالماق، تۈگىمەك؛ ئۇنتۇلماق، كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] ئەستىن چىقماق. خاتىرىدىن چىقماق.[يەشمىسى:] 83 «-پ، -ىپ، -ۇپ، -ۈپ»لار بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ، رەۋىشداشتا ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتنى تەكىتلەيدۇ:[مىسال:] كۆرگەزمىنى كۆرۈپ چىقتۇق. * بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەخمەت ئۈزۈپ چىقتى. * كىمكى شاھزادىنى بىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەپ چىقسا، مال-دۇنيا ئىنئام قىلىمەن، دەپتۇ پادىشاھ.