چورت[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تىغى ئىتتىك ئەسۋابلار بىلەن كېسىپ تاشلىنىش، بىراقلا سۇنۇش، ئۈزۈلۈپ كېتىشنى بىلدۈرىدىغان شەكىل تەقلىدى:[مىسال:] چورت سۇنماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىراقلا، بىريولى؛ ئۈزۈل-كېسىل، پۈتۈنلەي.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەزۋەيلەپ ئولتۇرماستىن، كەسكىن ھالدا، كەسكىن ئۈزۈپلا:[مىسال:] گەپنى چورت كېسىپ قىلماق.