UyghurMain Dictionary
چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى
Domain: دۇنيا تارىخىئافرىقىنىڭ چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. ئەزا دۆلەتلەر تانگانىكا كۆلى ۋە كىۋۇ كۆلى رايونىدىكى بۇرۇندى، راۋاندا ۋە زايىردىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت. 1976-يىلى 9-ئايدا ئۈچ دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى دوستلۇق - ھەمكارلىق شەرتنامىسى ۋە چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى: ئۈچ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. باشلىقلار يىغىنى ئورتاق گەۋدىنىڭ ئالىي ئورگىنىدۇر. 1982-يىلغىچە بەش قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.