چۆپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نېپىز يېيىلىپ، ھەر خىل شەكىلدە كېسىلگەن خېمىر:[مىسال:] قازانغا چۆپ سالماق. چۆپ سۈزمەك.[يەشمىسى:] ② ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئۇ ئۇششاق توغرالغان پىششىق گۆش، سۇدا پىشۇرۇلغان چۆپ، يالپاقلاپ توغرالغان پىياز، مەلۇم مىقداردىكى قارىمۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە گۆشنىڭ شورپىسىنى قۇيۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.