Domain: ئۇيغۇر تائاملىرىسېمىز قوي گۆشى 500 گرام، پىياز 50 گرام، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، تۇز، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.
گۆشنى ئۈچ پارچە قىلىپ بىر كىلوگرام سۇ سىغىدىغان چىنە چەينەككە سېلىپ، ئۈستىدىن قايناقسۇ قۇيۇپ، 10 ~ 15 مىنۇت قاينىتىپ، تۇز، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن سېلىپ، بوش ئوتتا 25 ~ 30 مىنۇت دەملەيمىز.
2. دەملەنگەن شورپىغا قارىمۇچ، توغرالغان پىيازنى سېلىپ، يەنە بەش مىنۇت قويۇپ، گۆشىنى تەخسىگە، شورپىسىنى چىنىگە ئېلىپ كەلتۈرىمىز. چەينەك بىلەن كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ.