چاۋارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاپتاپ ياكى ئوتنىڭ قىزدۇرۇشىدىن پۇت-قول، بەدەن چارلىشىپ ھەر خىل داغ، سۇلۇق قاپارتما ھاسىل بولماق.[يەشمىسى:] ② ئۇسسۇزلۇق ياكى قىزىق ئاپتاپتىن چارلىشىپ سارغايماق (زىرائەت ھەققىدە):[مىسال:] بۇغدايلار چاۋىرىپ كەتتى.