UyghurMain Dictionary
چاقماقⅤ
چاقماقⅤ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاتتىق نەرسىلەرنى سۇندۇرۇپ ئوششاقلىماق؛ پارچىلىماق، ئۇشتۇماق، سۇندۇرماق:[مىسال:] تاش چاقماق. ياڭاق چاقماق.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇپ، سۇندۇرۇپ بۇزماق، پاچاقلىماق:[مىسال:] دەرۋازىنى چاقماق. قۇلۇپنى چاقماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مالنىڭ قىممىتىنى بەلگىلىك بىرلىككە سۇندۇرماق، سېلىشتۇرماق:[مىسال:] مالغا چاقساق ئون تەڭگىدىن قوي ئالسا، 160 نەچچە قويكېلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ چىشلەپ ياكى نەشتىرىنى سانجىپ ئاغرىتماق، زەھەر سالماق، زەھەرلىمەك (يىلان، چايان، ھەرە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] پاشا چاقماق. سېرىقئېشەك چاقماق. ھەرىنىڭ چاققىنىغا چىدىغان ئادەم ھەسەل يەيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ ئۆز تەسىرىگە ئالماق، تەسىر كۆرسەتمەك:[مىسال:] كېسەل چاقماق. ئاپتاپ چاقماق.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا بىراۋنىڭ يامان گېپىنى قىلماق؛ چېقىمچىلىق قىلماق:[مىسال:] بىراۋغا بىراۋنى چېقىش ياخشى ئادەت ئەمەس.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ئۇرۇۋالماق، سوقۇۋالماق (گەپ بىلەن):[مىسال:] گەپتە چاقماق.[يەشمىسى:] ⑧ بىر-بىرىگە ئۇرۇپ، سۈركەپ ئوت چىقارماق، ياندۇرماق، ياقماق:[مىسال:] چېقىن چاقماق. سەرەڭگە چاقماق.[يەشمىسى:] ⑨ قاماشتۇرماق، خىرەلەشتۈرمەك (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] كۆزنى چاقماق.