UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇسسۇلۇق ئىچكۈسى كەلمەك.
<سۇسىرىماق> ھايۋان ۋە يەر - زېمىنغا قارىتىلىدۇ.
ئۇسسىساڭ سۇچىنىڭ ئۆيىگە بار. ئۇسسىغان ئېچىرقىغاندىن يامان. ئۇسسىغاننىڭ چۈشىگە شىرىلدىغان سۇ كىرەر. سۇدىن قاچقان ئۆكۈز، چاڭقاپ ئۆلەر. چۆلدىگەن ئىت قۇدۇققا باقار. تەشنا بولغان سۇ تاللىماس. ئۇسساپ ئۆپكەم قۇرۇپ كەتتى، - دېدى بوۋاي. سۇسىرىغان ئوچۇمىدا سۇ ئىچەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سۇ، ئۇسسۇزلۇق ئىچكۈسى كېلىش ھېسسى.
قانماق
ئۇسسۇزلۇق توختىماق، ئۇسسۇزلۇقتا تويۇنماق.
ئۇسسىغان ئېچىرقىغاندىن يامان. چاڭقىغان ئېيىق مۇز يالار. شارابقا قاندىم دېگۈچە، بالاغا قالدىم دېسەڭچۇ. سۇدىن قاچقان ئۆكۈز چاڭقاپ ئۆلەر. چۆلدىگەن ئىت قۇدۇققا قارار. سۇسىرىغان يەر يرىلار، سۇسىرىغان ئەر ئۇچۇمىدا سۇ ئىچەر. كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قانار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇغا تەشنا بولماق، قاغجىرىماق، سۇسىرىماق؛ ئۇسسىماق.
ئۇلار داۋان ئېشىپ تاغ كېزىپتۇ. دەريا كېچىپ چۆل بېسىپتۇ. گاھى سۇغا قېنىپ، گاھى چاڭقاپتۇ.
كۆچمە. قاتتىق تەلمۈرمەك، تەشنا بولماق، ئىنتىزار بولماق، سېغىنماق.
ئەلەمدىن چاڭقىغان دىلنى، زامانەم قاندۇرار بولدى.
چاڭقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇغا تەشنا بولماق، قاغجىرىماق، سۇسىرىماق؛ ئۇسسىماق:[مىسال:] ئۇلار داۋان ئېشىپ تاغ كېزىپتۇ. دەريا كېچىپ چۆل بېسىپتۇ. گاھى سۇغا قېنىپ، گاھى چاڭقاپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق تەلمۈرمەك، تەشنا بولماق، ئىنتىزار بولماق، سېغىنماق:[مىسال:] ئەلەمدىن چاڭقىغان دىلنى، زامانەم قاندۇرار بولدى.