Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىرىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 16 - ئەۋلادى ئىكەن. 1265 - يىلىدىن 1274 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگوغا كەلگەن. ياڭجۇدا تۇرۇپ، قايتىپ كەتكەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن جۇڭگوغا يەنە كەلگەن. بۇ قېتىم شەرقتىكى رايونلارنى ئايلىنىپ، ئاخىر ياڭجۇغا بارغان. 1275 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ياڭجۇ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى شۇيگۇەنخېنىڭ دۇڭگاۋگاڭغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە ساق تۇرۇپتۇ. 1776 - يىلى قايتىدىن سېلىنغان قەبرە تېشىغا: <سۇن دېيۇنىڭ بىرىنچى يىلى، پەيغەمبەرنىڭ غەربىي دىياردىن كەلگەن 16 - ئەۋلادى. ئۇلۇغ ئەۋلىيا بۇرھانىدىن> دېگەن خەتلەر ئۇيۇلغان.