Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتەشۋىش، داۋالغۇش، ئەنسىزلىك، پىتنە - پاسات.
دۈشمەن كېلىش بىلەن خەلق ئارىسىدا پەيدا بولغان ئەنسىزلىك. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بۇلچاق ئۈكۈش بولسا قاچان بىلىكىڭ يىتەر
ياڭشاق تەلىم سايراپ ئانى تامغاق قاتار
{قاچانكى ئەنسىزلىك كۆپ بولسا، بىلىمىڭ يوقىلىدۇ،
قۇرۇق گەپنى تولا قىلساڭ، تاماق قاتىدۇ (قۇرۇيدۇ).}
ئەلدە ئەنسىزلىك كۆپىيىپ كەتسە، ئەقىل ئازىيىپ، توغرا يولدىن تايىدۇ؛ بىھۇدە گەپنىقىلىۋەرسەڭ، ئېڭىكىڭ تېلىپ، ئاغزىڭ قۇرۇيدۇ. بۇ ماقال سۆزنى ئاز قىلىشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ. (بۇ شېئىر ئەسلىدە مۇشۇ ئورۇندابولۇشى لازىم ئىدى. چۈنكى ئۇ «پىتنە - پاسات» دېگەن مەنىدىكى « بۇلغاق» سۆزىگە مىسال قىلىنغان. ئامما يازما نۇسخىداكېيىنكى سۆزلەمگە ئۇلاپ، ئورنى ئالماشتۇرۇلۇپ قويۇلغان. بىز بۇنى تۈزىتىپ ئۆز ئورنىغا قويدۇق.).
1 - 610