Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىبۇغداي.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بۇغداي قاتىندا سارقاچ سۇۋالۇر . ئۇيغۇرچە، 1 - توم 593 - بەتكە قاراڭ( _ بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ، يەنى بۇغداينىڭ دۆلىتى ۋە بەرىكىتى تۈپەيلىدىن قارىمۇقمۇ سۇغىرىلىدۇ. بۇ ماقال بىر كىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ياخشىلىققا ئېرىشكەن كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. بارسغانلىقلار « بۇدغاي» دەيدۇ. «مەن بارسغانلىق ئەمەس» دېگەن كىشى مۇشۇ سۆز بىلەن سىنىلىدۇ.
3 - 330
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپا باشقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
غولى تىك ئۆسىدۇ، غولىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك، يوپۇرمىقى كەڭ تاسمىسىمان كېلىدۇ؛ دېنى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، قورساق تەرىپىدە
ئېرىقچىسى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، خاماندا تېپىپ دېنىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى سەمرىتىش، چىراينى پارقىرىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇغداي ئۇنىنى بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئاتلا ئېتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، دەم سىقىلىش، ئومۇمىي
بەدەن ئاجىزلىقى، داغ ۋە سەپكۈنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام بۇغداينى سەككىز گرام چاكاندا يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەش ۋە ئوغرى تەرگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
بۇغدايدىن 35 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 51 گرام، خام لوڭگۇدىن 20 گرام، ئالقات يىلتىزى پوستىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە ئۆزلۈكىدىن تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بۇغداي ئۇنىنى نەرگىس گۈلى ۋە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تىكەن ۋە ۋاشاق ئوقىنى )
ئوقيا ئوقىنى( چىقىرىپ، پەيلەردىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.
Domain: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىبۇغداي ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تېرىپ ئۆستۈرگەن ئاشلىق زىرائىتىدۇر. قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش ئويمىلىرىدا بۇغداي تېرىپ ئۆستۈرۈش خاتىرىلەنگەن. كىشىلەر قەدىمكى مىسىر پىرامىدا )ئېھرام(سىنىڭ تاش يوچۇقلىرىدىن بۇغداي دانلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئارخېئولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، تەخمىنەن10 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا غار - ئۆڭكۈرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ياۋا بۇغداينى يېمەكلىك قىلىشقا باشلىغانىكەن.
بۇغداي تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشاقلىقلار ئائىلىسىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە، يەنى يوپۇرماق تومۇرلىرى پاراللېل، غولى كاۋاك ھەم بوغۇملۇق، باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ھەربىر كىچىك گۈلدە گۈل تاجى ياپراقچىسى بولمايدۇ، ئەمما قاسىراقچىسى بولىدۇ. بۇغداي ۋە شالغا ئوخشاش گۈلىدە مانا مۇشۇنداق قاسىراقچىسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاسىراق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇغداينىڭ قاسىراقچىسىدا قىلتىرىقى بولۇپ، بۇ بۇغداي سورتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تېرىش ۋە ھوسۇلىنى يىغىش پەسىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئېلىمىزدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان بۇغدايلار ئىككى خىل فىزىئولوگىيىلىك تىپقا بۆلۈنىدۇ: بىرى، قىشلايدىغان كۈزلۈك بۇغداي؛ يەنە بىرى، بىر يىللىق يازلىق بۇغدايدىن ئىبارەت. كۈزلۈك بۇغداي ئادەتتە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدا9 - ئاينىڭ ئاخىرى ياكى10 - ئاينىڭ باشلىرىدا تېرىلىپ، ئىككىنچى يىلى4 - ۋە5 - ئايلاردا يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئاساسەن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى بىلەن شىمالىي جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرىغا كۆپرەك تارقالغان. يازلىق بۇغداي ئادەتتە3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى تېرىلىپ، شۇ يىلى يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋېگېتاتىۋ ئۆسۈش دەۋرى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى بىرقەدەر سوغۇق رايونلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
پۈتۈن يەر شارىدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئىچىدىكى ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەھسۇلات مىقدارىمۇ شالنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدىن قېلىشمايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى3 /1 قىسىم ئاھالە بۇغداينى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ.