بوزتىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بوز+تىكەن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە ئاق سۈت بار؛ غولى تىك، تۈكسىز، سىلىق كېلىدۇ، گىرۋىكىدە تىكەنلىك چىشلىرى بولىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى ماڭدۇرۇش ۋە يىرىڭنى چىقىرىپ غەلۋىرەكنى ساقايتىش رولى بار.