Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىرۇخسەت.
خان تەرىپىدىن ئەلچىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە بېرىلگەن رۇخسەت (قەغىزى). ئەلچىگە بېرىلگەن سوۋغىغىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. ئەسلىدە «مېھمانغا تەييارلانغان تائام» دېگەن مەنىنى بىلدۈرسىمۇ، كېيىنچىرەك يېمەكلىكلەرنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان «تېرە سۇپرا» (داستىخان) مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ قالغان. شۇنىڭدەك ئۆز قېرىنداشلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن يىراقتىن كەلگەن ئادەم قايتىپ كېتىدىغان چاغدا ھەممە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى زىياپەتكە چاقىرىدۇ، ئاندىن بىر مۇنچە سوۋغاتلار بىلەن ئۇنىڭ كېتىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ، ئەنە شۇ زىياپەتكىمۇ « بوشۇغ ئاشى _ رۇخسەت ئېشى» دېيىلىدۇ.
1 - 482