بوران-چاپقۇن[يەشمىسى:] ① يامغۇر ئارىلاش چىققان قاتتىق بوران:[مىسال:] بىز قايتىپ كېلىۋېتىپ بوران-چاپقۇندا قالدۇق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توسقۇنلۇق؛ قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق:[مىسال:] پەرھات دوستىغا سەمىمىي تەسەللى بېرىپ: تۇرمۇش بىز مەكتەپتە ئويلىغاندەك ئەمەس ئىكەن، بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ، دېدى.