بولماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۈز بەرمەك، سادىر بولماق:[مىسال:] ھايۋانلارمۇ بوش كەلمەپتۇ. قىرىق كېچە-كۈندۈز جەڭ بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② كەلمەك؛ باشلانماق:[مىسال:] چۈش بولدى. زاۋال بولدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر يەردە مەلۇم ۋاقىت تۇرماق:[مىسال:] شەنبە كۈنى گۈلباھار كەچكىچە ھەجەر ئاچىنىڭ ئۆيىدە بولدى.[يەشمىسى:] ④ ئورۇنلاشماق:[مىسال:] توي كۈنى قېرىلار بىر يەردە، ياشلار بىر يەردە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ ئۆسمەك، ئاينىماق، ئوخشىماق:[مىسال:] غورا بولماي مېغىزى بولماس.[يەشمىسى:] ⑥ ئۆتمەك:[مىسال:] ماڭا مۇشۇ يەردە ياشىغىلى ئۇزاق يىللار بولدى، دېدى كېيىك.[يەشمىسى:] ⑦ مەۋجۇت، بار ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئەمگەك بىلەن ئۆزىگە ھايات يولى تېپىشنى مەقسەت قىلغۇچىنىڭ بۇنچىلىك گەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇغۇ[يەشمىسى:] ⑧ ۋەزىپىگە تەيىنلەنمەك، بىرەر دەرىجە ۋە ئورۇنغا ئېرىشمەك بولماق:[مىسال:] مەن ھازىر مەكتەپ مۇدىرى بولدۇم، لېكىن مەكتەپ خىزمىتىنى بىر كۈنمۇ ئىشلىگىنىم يوق.[يەشمىسى:] ⑨ مەلۇم قىممەتكە يارىماق:[مىسال:] زىۋىرشانىڭ ھېسابىدا ئۇلارنىڭ 30 مىڭ باغ قومۇشى 7 مىڭ 5 يۈز يۈەن بولاتتى.[يەشمىسى:] 01 توغرا، مۇۋاپىق كەلمەك:[مىسال:] ئاخىر ساۋۇت بۇ ئىش ئۈستىدە ھېچكىمگە ئېغىز ئاچمىغىنىم تۈزۈك، يېنىكلىك بىلەن قوشنامنى يامان ئادەمگە چىقىرىۋەتسەم بولماس، دېگەن ئويغا كەلدى.[يەشمىسى:] 11 مەلۇم ھالەتتە ئۆتمەك، مەلۇم ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] تۇرمۇشلۇق بولماق.[يەشمىسى:] 21 بەزى ئىسىملارغا باغلىنىپ كېلىپ پېئىللاشتۇرۇش رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] گۇناھكار بولماق.[يەشمىسى:] 31 سۈپەتلەر ۋە رەۋىشلەر بىلەن بىرىكىپ ئۆتۈمسىز پېئىللاشتۇرۇش رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] چوڭ بولماق.[يەشمىسى:] 41 «بولسا بوپتىكەن» فورمىسىدا كېلىپ «ياخشى ئىدى» مەنىسىدە كېلىدۇ:[مىسال:] بايىقى ئىككى سوئالنى باشقىچە قويسىڭىز بوپتىكەن.[يەشمىسى:] 51 بولۇشسىز فورمىدا كېلىپ ئىقتىداردىن، پائالىيەتتىن قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بالام، دەپتۇ بىر كۈنى بوۋاي ئوغلىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن.[يەشمىسى:] 61 تەييارلانماق، ھازىرلانماق:[مىسال:] ئالماس بىلەن ئېلىقۇل: لەيلىگۈل، ئانار قەيەردە بول ئىتتىكرەك ئېيت، دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن.[يەشمىسى:] 71 «-ار، -دىغان، -ماق، -ماقچى»قوشۇمچىلىرى بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللار بىلەن قوشۇلۇپ ئۈمىد، تىلەك مەيلىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۇنىڭدىن باشلاپ سوپىتاي مىجىت بىلەن بىللە كۈنىگە ئىككى-ئۈچ قېتىم كۆرۈشىدىغان بولدى.[يەشمىسى:] 81 «-ىپ، -ۇپ» بىلەن ئاياغلاشقان رەۋىشداشلار بىلەن قوشۇلۇپ ئىش-ھەرىكەتنىڭ تااملىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نۇرۇم، چېيىڭنى ئىچىپ بولۇپ، ئالمىلارغا سۇ بارىدىغان ئېرىقنى قېزىۋەتكىنە، دېدى زورىخان نۇرغا.[يەشمىسى:] 91 ئىسىملىك خەۋەرگە ياندىشىپ كېلىپ «-دۇر» مەنىسىدە خەۋەر جۈملە باغلىغۇچىسى رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بۇ مېنىڭ ئېرىم، سوپىتاي بولىدۇ، دەپ تونۇشتۇردى ھېلىقى ئايال.[يەشمىسى:] 02 چىقىش كېلىشتە تۈرلىنىپ كەلگەن ئىسىم بىلەن كېلىپ «دۇنياغا كەلمەك»، «تۇغۇلماق» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھارامدىن بولغان. * بۇ كىشى خوتەندىن بولىدۇ، -دەپ تونۇشتۇردى مېنى ئۇ باشلىققا.[يەشمىسى:] 12 يۆنىلىش كېلىشتە تۈرلىنىپ كەلگەن ئىسىملار بىلەن سۈپەتداش فورمىسىدا باغلىنىپ كېلىپ «نىسبەتەن»، «قارىتا» مەنىسىدىكى تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بەزىدە يۈز بەرگەن كىچىككىنە ۋەقەلەرمۇ سېنىڭ تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە بولغان كۆزقارىشىڭنى ۋە ھايات ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىڭنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشكە قادىر.[يەشمىسى:] 22 شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن بىرىكمىنىڭ خەۋىرى بولۇپ كېلىپ «... دەپ ھېسابلانماق» مەنىسىدە كېلىدۇ:[مىسال:] ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول (ماقال).[يەشمىسى:] 32 «... بىلەن بولماق» فورمىسىدا كېلىپ «...بىللە بىر تەرەپتە تۇرماق»؛ «شۇغۇللانماق»؛ «بېرىلمەك» مەنىلىرىدە كېلىدۇ:[مىسال:] مەنغۇ سېنىڭ بىلەن، سەن بولمىدىڭ مېنىڭ بىلەن، بولمىساڭ بولما يارىم، يېنىڭدىكى سېنىڭ بىلەن.[يەشمىسى:] 42 «... دەك... تەك» بىلەن كەلگەن سۈپەتداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئاشۇنداق ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] باي «ھىم» دەپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بوپتۇ. * خەتتىكى ھەربىر سۆز ئۇنىڭ قۇلىقىدا جاراڭلىغاندەك بولدى.[يەشمىسى:] 52 «غىلى، قىلى...» بىلەن كەلگەن پېئىللارغا «-قا، -غا، -كە، -گە» بىلەن كەلگەن ئىسىمداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قولدا چاۋاك چالغىلى بولماس (ماقال). * كەينى تەرەپتىن ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] 62 شەخسلەنگەن سۈپەتداش بىلەن بىللە كېلىپ سۈپەتداش بىلدۈرگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بوپتۇ، دېگىنىڭىز بولسۇن، دەپتۇ كەمبەغەل.