مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى قىلىشنى رەت قىلماق.
ئەگەر ئۆمەك پۇل چىقىرىشتىن باش تارتسا، ئۇنىمۇ ئۆزۈم ھەل قىلىمەن. ئۇ ئانىسىنىڭ گەپلىرىگە بويۇن تولغىماي، قۇلاق سالدىغان بولدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قارشىلىق كۆرسەتمەك.
بويسۇنماق، تىز پۈكمەك، باش ئەگمەك
ئىتائەت قىلماق.
بويسۇنغانغا قىلىچ ئۇرما. ياۋاش باش ئەگمىگەن يەردە، سەن تىزىڭنى پۈكمە. زالىمغا بويسۇنغان بوينى ئۈزۈلەر. ئاناڭغا بويۇن تولغىما، خورلۇق تارتىسەن، ناھەقچىلىكنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ چىققان باتۇر. ناھەق ئىشتىن باش تارتىش - ھەق يولىدا تىرىشقانلىق. ئاناڭدىن باش تارتما، ئاشمىسۇن مۇڭى، شەرەپنىڭ تاجىدۇر پۇتىكى چېڭى.