بوغماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل. كېسەل قوزغاتقۇچىسى بوغما تاياقچە باكتېرىيسى؛ ئادەتتە ياز ۋە كۈزدە كۆپرەك تارقىلىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنى زەھەرلەنگەن بەزى ئاغرىقلارنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ قالىدۇ. بۇ خىل كېسەل بەزىدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە پالەچ كېسەللىكىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.