Domain: بوتانىكاباشاقلىقلار ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يىپسىمان، گۈلىنىڭ شەكلى بۆرە قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئادەتتە تاغ باغرىدا ياكى يول بويىدا ئۆسىدۇ. يۇمشاق كۆتىكى (غولى) ئېسىل يەم - خەشەك ماتېرىيالى بولىدۇ، شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى ئىزولياتسىلىيىگۈچى قەغەزنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.