ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چاقنىماق، پارقىرىماق، يالتىرىماق.
تاۋلىنىپ رەڭدار گىلەمدەك بەرق ئۇرار ئوتلاق - ئېتىز، قاينىغان يايلاق ھاياتى مىسلى ئۆركەشلىك دېڭىز.
نامايەت بولماق، سېزىلىپ تۇرماق، كۆرۈنمەك.
چىرايىدىن ھېسابسىز شادلىق تەبەسسۇمى بەرق ئۇرۇپ تۇرغان ياش ئاتا قابىلبېك چىقىپ كەلدى.
ئۇلغايماق.
قىزىدى ئۇسسۇل، ساما، دىللاردا شالىق بەرق ئۇرۇپ، بولدى مەنبەسى ئۈزۈلمەس دەريا، فونتان قەشقىرىم.