بەلۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەل+باغ[[يەشمىسى:] ① بەلگە باغلايدىغان پوتا. [يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغلارنىڭ ئېگەر ۋە مۆلىلىرىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇپ باغلايدىغان ياكى ھارۋىنىڭ شوتىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تاسما. [يەشمىسى:] ③ ھەر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئۆتكەن دەپ پەرەز قىلغان سىزىق، ھالقا:[مىسال:] ئىسسىق بەلۋاغ. ئورمان بەلۋېغى.