بەھرەيىن[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] بەھرەيىن دۆلىتى قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارىلىقىدىكى پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، بەھرەيىن ئارىلى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى بەزى كىچىك ئاراللاردىن تۈزۈلگەن. يەر مەيدانى 622 كۇۋادىرات كېلومېتىر بولۇپ، ئەرەبلەر دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %70تىنى، قالغىنىنى ئىرانلىقلار، ھېندىستانلىقلار، پاكىستانلىقلار، ئەنگلىيىلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ %25تىنى سۈنئىي مەزھىپى، %75تىنى شىئە مەزھىپى ئىگىلەيدۇ.[CRLF]بەھرەيىن ئارىلىدا مىلادىدىن 3000 يىل بۇرۇنلا شەھەر قۇرۇلغان. مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەب ئېمپرىيىسى بەسرە ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1507~1602- يىللىرى پورتۇيگالىيىلىكلەر بېسىۋالغان بولۇپ، 1780-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1820-يىلى ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1971-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە پارىس قولتۇقى خەلپىلىكلىرى بىلەن ئىمزالىغان بارلىق شەرتنامىلىرىنىڭ شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا كۈچتىن قالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بەھرەيىن 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، 12-ئاينىڭ 16-كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن (بۇ كۈن ئەمىرنىڭ تەخىتتە ئولتۇرغان كۈنى). 1989-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.[CRLF]بەھرەيىننىڭ نېفىت زاپىسى 21 مىليون 230 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز زاپىسى 201 مىليارت كۇپ مېتىر بولۇپ، دېڭىز بويىدىن يەنە مەرۋايىت ئېلىنىدۇ. بەھرەيىن ئىقتىسادتا نېفىتنى ئاساس قىلىدۇ. نېفىت كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ 2/1 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا بەھرەيىندە ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ چوڭ ئاليۇمىن تاۋلاش زاۋۇدى بار. بەھرەيىننىڭ تۇپرىقى مۇنبەت.[CRLF]ئاسالىق شەھىرى پايتەخت مانامى شەھرى. ئۇ مۇھىم نېفىت پورتى ۋە نېفىت چەككىلەش مەركىزى بولۇپ، مەشھۇر خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە مەزكىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن 60 مىليارت ئامېرىكا دوللېرىلىق بانكا كاپىتالىغا ئىگە.