بەگلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەگلەرنىڭ ئورنى، ۋەزىپىسى؛ بەگلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئەمىلى:[مىسال:] ئۇ دائىم «خوجاھاپىز بەگ-ئالدى-كەينىڭىزگە قاراپ ئىش قىلىڭ، بەگلىك كېتىدۇ، يۇرت قالىدۇ»دەيدىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەگ قارمىقىدىكى، بەگلەرگە ئاتالغان:[مىسال:] بىزنىڭ يۇرتنى ئوتتۇز ئىككى بەگلىك دېيىشىدۇ.