بەڭگىدىۋانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەڭگى+دىۋانە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ تەمى ئاچچىق بولۇپ، زەھەرلىك، مەست قىلىپ ئاغرىق توختىتىدۇ؛ رېماتىزمنى داۋالايدۇ؛ يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ.