UyghurMain Dictionary
بازارلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بازاردىن ۋە توي - تۆكۈندىن بالا - چاقلىرىغا ئەكەلگەن نەرسە.
بالىلار بازارلىققا ئامراق. تويماستىن سارقىت ئاشماس. تۆرنى ئالغان ھېساب ئەمەس، زەللە ئالغان ھېساب. موللا سەللىسىگە ئىشىنىدۇ، قۇشناچىم زەللىسىگە.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
خېرىدارلىق؛ بازاردىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغا - سالام. مەسىلەن: بازارلىق مال _ خېرىدارلىق مال؛ مەن سىلەرگە بىر ئاز بازارلىق ئېلىپ كەلدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان.
بازارلىق مال.
ئى. سودا - سېتىق.
ئانچە - مۇنچە بازارلىق قىلمىساق تۇرمۇش دېگەندە يەنە بولمايدۇ.
ئى. بازاردىكى ئۆيدىكى بالا - چاقىلارغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغا.
ئۇ يېنىشىدا بالىلىرىغا بازارلىق ئېلىۋالدى.
ئى. بازاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر.
سەھرالىق دەيدۇ بىزنى ئۆزىنى بىلمەي بازارلىق.
سۈپ. بازار دەرىجىلىك.
بازارلىق ھۆكۈمەت.
بازارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] بازارلىق مال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سودا-سېتىق:[مىسال:] ئانچە-مۇنچە بازارلىق قىلمىساق تۇرمۇش دېگەندە يەنە بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بازاردىن ئۆيدىكى بالا-چاقىلارغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغا:[مىسال:] ئۇ يېنىشىدا بالىلىرىغا بازارلىق ئېلىۋالدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بازاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر:[مىسال:] سەھرالىق دەيدۇ بىزنى ئۆزىنى بىلمەي بازارلىق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بازار دەرىجىلىك:[مىسال:] بازارلىق ھۆكۈمەت.