باشلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا كىرىشمەك:[مىسال:] سۆز باشلىماق. * ئەگەر رازى بولسىڭىز بۈگۈنلا ئوپېراتسىيىنى باشلايمىز.[يەشمىسى:] ② يول كۆرسىتىپ، باش بولۇپ، يېتەكلەپ بارماق، ئەگەشتۈرمەك:[مىسال:] ئاشپەز ئوتۇنچىنى ئاشخانىغا باشلاپ كىردى.[يەشمىسى:] ③ تەكلىپ قىلماق:[مىسال:] ۋاي خۇدايىم، ئۆيگە باشلىماي قاراپ تۇرغىنىمنى قاراڭلار، قېنى ئۆيگە، ئۆيگە كىرىڭلار.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارغا باش بولۇپ يېتەكلىمەك:[مىسال:] بۇ ئىشنى ئەڭ دەسلەپ كىم باشلىغان، بىلەمسىز[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقۇرماق، تەربىيە بەرمەك:[مىسال:] بالىنى باشلىماق. ئاتا باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى چوڭ (ماقال).