كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
مىس؛ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى: باقىرلىق تاغ - مىس چىقىدىغان تاغ.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىمىس.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بار باقىر يوق ئالتۇن _ بارىدا مىس، يوقىدا ئالتۇن. بار بولسا مىستەك قەدىرسىز، يوق بولسا ئالتۇندەك قەدىرلىك بولىدۇ. بۇ ماقال ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئارىسىدا خارلىنىپ يۈرگەن كىشى ئارىدىن يوقالغاندا، ئۇنىڭ قەدىرى ئۆتۈلگەنگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 467
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىچىندا قويۇلغان بىر خىل مىس ئاقچىنىڭ ئىسمى. ئېلىم - سېتىمدا ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 468
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
باقىر - قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدە كەڭ ئىشلىتىلگەن مېتال پۇل. مەھمۇت قەشقەرى بۇ پۇلنى <چىندا قۇيۇلغان بىر خىل مىس ئاقچىنىڭ ئىسمى، ئېلىم - سېتىمدا ئىشلىتىلىدۇ> (مەھمۇد قەشقىرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى> Ⅰ توم، 468 - بەت) دەيدۇ. بۇنىڭدىن <باقىر> نىڭ ئوبوروت قىلىنىش دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ۋەسىقىلەردە <ئۈچ باقىر كۈمۈش>، <ئۈچ ساتىر ئۈچ يېرىم باقىر>، <ئالتە ساتىر ئالتە باقىر كۈمۈش> دېگەن ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ. ئەينى دەۋردە 10 باقىر 1 سىتىرغا، 100 باقىر 1 ساتىرغا تەڭ ئىدى. <باقىر> يەنە ئېغىرلىق ئۆلچىمى قىلىپمۇ ئىشلىتىلگەن. فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە <باقىر> مىستىن قۇيۇلغان پۇل بولۇپ، بىر باقىر 10 دىن بىر سەرگە تەڭ ئىدى. بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا بىر باقىر 274.2 گىرام ئالتۇنغا تەڭ.
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
مىس، مىس ئاقچا. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم .
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كالا پادىسى