—Reference
بالىلارغا سۆزنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟
Domain: نېمە ئۈچۈنكۈندىلىك سۆھبەت ۋە ھېكايە بايان قىلىش جەريانىدا بالىلار چۈشەنمەيدىغان سۆزلەرگە قارىتا ئائىلە باشلىقلىرى مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان سۆزلەر بالىلارغا ئازراق ئۇچرايدىغان سۆزلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن: <مەدەنىيەت، ئەخلاق> <يۆلەش، ياللاپ مېڭىش، ئىشىنىش>، <قوپاللىق قىلىش، چېچىلىش> … دېگەندەك سۆزلەر. بالىلارغا سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرگەندە، چوڭقۇرلۇقتىن يۈزەكىلىككە قاراپ چۈشەندۈرگەندە، بالا ئوڭاي چۈشىنىدۇ. ئەگەر بالا چۈشىنىشكە ئامالسىز قالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا <چوڭ بولغاندا چۈشىنىپ قالىسىز> دېسە بولىدۇ، بالا <ئەخلاق دېگەن نېمە؟> دەپ سورىغاندا، مۇنداق جاۋاب بەرسە بولىدۇ. <ئەخلاق - كۆپچىلىك رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان تەرتىپ بولۇپ، ئاممىۋى سورۇندا قالايمىقان تۈكۈرۈشكە، چوڭلارغا ئەدەبسىزلىك قىلىشقا، نەرسە - كېرەكلەرنى ئوغرىلاشقا بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىز ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئەخلاقسىزلىق ناھايىتى ناچار قىلمىش> بالىغا سۆز مەنىسىنى چۈشەندۈرگەندە، ئىمكانقەدەر ئوبرازلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى، بالا ئىمكانقەدەر سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ھېس قىلىش كېرەك. مەسىلەن: بالىغا <قارىغاي> دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندا، بالىنى باشلاپ، قارىغاينى كۆرسىتىپ، ئۇنى قارىغاينى تەپسىلىي كۆزىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. سەزگۈ ئارقىلىق تەسىر قالدۇرغاندىن كېيىن ئېسىدە ناھايىتى پۇختا قالىدۇ. يەنە <يۆلەش> دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرسە، بالا ناھايىتى تېز چۈشىنىۋالالايدۇ. يەنە <قويۇق> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: دەرەخ يوپۇرماقلىرى قويۇق، زىچ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بالىنى ئەگەشتۈرۈپ سەيلى قىلغاندا، بالىغا قويۇق دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى كۆرسىتىپ، <قۇياشنى كۆردىڭىزمۇ؟> دەپ سورىغاندا، بالا <كۆرمىدىم؟> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا <نېمىشقا كۆرمىدىڭىز> دېگەن سوئالغا، بالا <دەرەخ يوپۇرماقلىرى قويۇق ئىكەن> دەپ جاۋاب بېرىدۇ، مۇشۇنداق كونكرېت مەنزىرىلەر ئارقىلىق، بالىلار سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىگىلىۋالالايدۇ.